بايدېن ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى ئۈچ پىرسەنت ئاشۇرماقچى بولغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.03.10

رۇسىيە بىلەن خىتاي تەھدىتى كۈچىيىۋاتقان ۋەزىيەتتە، بايدېن ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئامېرىكانىڭ دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى ئۆتكەن يىلدىكىدىن ئۈچ پىرسەنت ئاشۇرۇش تەكلىپى سۇنغان.

بايدېىن ھۆكۈمىتى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېلان قىلغان 2024-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى 842 مىليارد دوللار بولۇپ، 2023-يىلدىكىدىن 69 مىليارد كۆپ بولغان.

ئاقساراي ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خەۋەرلىرىنى تارقىتىدىغان «تۆپىلىك» (The Hill) تورىدا بېرىلگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەستىقلىغان دۆلەت مۇداپىئەسى خام چوتى ۋە باشقا چىقىملارنى قوشقاندا، ئەمەلىي خىراجەت جەمئىي 857 مىليارد دوللا بولغان. ئامېرىكادا نۆۋەتتە ئېغىر بولۇۋاتقان پۇل پاخاللىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ يىلقى خامچوت سوممىسىنى تۆۋەن دېيىشكە بولىدىكەن.

ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىكىنىڭ يادرو قوراللارغا قويغان تەلىپى، ئۇكرائىناغا بېرىدىغان ھەربىي ياردەم قاتارلىقلارنى ھېسابقا ئالغاندا، ئامېرىكانىڭ كېلەر يىللىق ھەربىي خامچوتىنىڭ 900 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن.

«تۆپىلىك» تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاقساراينىڭ دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى ئۆستۈرۈشىدە ئەڭ بۇرۇن ئويلاشقىنى خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئىكەن؛ يەنى ئاقساراي ھىندى-تىنچ ئوكيان قىسىملىرىغا 9 مىليارد 100 مىليون دوللار خىراجەت ئاجرىتىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ جايدىكى مەۋجۇتلۇقىنى قوغدىماقچى ھەم كۈچەيتمەكچى بولغان. 400 مىليون دوللارنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى فوندلارغا ئاجرىتىپ، ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا ساھەلىرىدە خىتايدىن غالىب كەلمەكچى بولغان.

پرېزىدېنت جوۋ بايدېن يەنە بۇ دۆلەت مۇداپىئەسى خامچوتىنى ئېلان قىلغاندا، ئۇكرائىناغا، ياۋروپا ۋە ناتودىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا 6 مىليارد دوللاردىن كۆپ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.