ئامېرىكا بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى ئېچىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئىگىلەۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە خۇسۇسىي كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك «B5+1 مۇنبىرى» يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە كۆرە، بۇ ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى ئامېرىكانىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق 5 دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ۋە سودا ۋەكىللىرى قاتناشقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پىرېزىدېنت جوۋ بايدېن 2023-يىلى 19-سېنتەبىر نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن «C5+1» يىغىنىدا، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركمەنىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن بەك مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنىكەن.

بۇ يەردىكى «C5+1 مۇنبىرى» ئامېرىكا بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇنبىرى بولسا؛ «B5+1 مۇنبىرى» ئامېرىكا بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ سودا-ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى، بولۇپمۇ خۇسۇسىي كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىش مۇنبىرى ئىكەن.

«B5+1 مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار ئامېرىكا كارخانىلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى كارخانىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد، سودا پۇرسىتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش، رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، بازار رىقابىتى ۋە چەت ئەل مەبلىغىنى كىرگۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەردە تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن «ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق» ئورنىتىپ، بۇ رايوننىڭ سودىسىنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلەشنىڭ پىلانىنى تۈزۈۋاتقان پەيتتە، ئامېرىكانىڭ سودا ۋەكىللىرىنى باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن يېڭىچە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورنىتىشقا قەدەم بېسىشى، ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتىنىڭ ئەمدى ئوتتۇرا ئاسىياغىچە كېڭەيگەنلىكىنىڭ بېشارىتى دەپ قارالماقتا.