بىلىنكېن: «ئامېرىكا، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىسىدۇر»
2024.09.30
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن 27-سېنتەبىر نيۇ-يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ C5+1 يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، بىلىنكېننىڭ بۇ قېتىم قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن C5+1 يىغىنى، ب د ت نىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى باش ئىشتابىدا ئېچىلغان 79-نۆۋەتلىك يىللىق ئومۇمى يىغىنى ئەسناسىدا ئېلىپ بېرىلغان. بۇ قېتىملىق يىغىن رۇسىيە ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قالغان، شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە بولغان خىرىسى قىسمەن ئازايغان، ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خىتاينىڭ رۇسىيە ھەربىي سانائىتىگە ياردەم بېرىشنىڭ مۇھىم ئۆتكىلى بولۇپ قالغان، خىتاي ئۆزىنىڭ «قەرز تۇزىقى» ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايوندىكى تەسىرىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خىتايغا ھەر جەھەتتىن باغلىنىپ قېلىشى، ئۇلارنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى كۆرمەسكە سېلىپ، داۋاملىق خىتاينى قوللىشىغا تۈرتكە بولغان دەپ قارىماقتا. ئۇلار يەنە ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيومۇ ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى «شىنجاڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىرغان» بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ چاقىرىققا ئىجابىي ئىنكاس بىلدۈرمىگەنلىكىنى قەيت قىلماقتا.
ھالبۇكى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىغىندا بىلىنكېن مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستاننىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىسىدۇر. بىز يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتىمىزدە قەتئىي چىڭ تۇرىمىز. بىز C5 + 1 ئارقىلىق ناھايىتى ياخشى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق. ئەلۋەتتە، رەھبەرلىرىمىزنىڭ پىرىزىدېنت بايدېن بىلەن يىغىن ئۆتكۈزۈشى بۇنىڭ يارقىن ئىپادىلىرىنىڭ بىرىدۇر».
مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا تەرەپلەر «تىنچ ئوتتۇرا ئاسىيا بەرپا قىلىشنىڭ ئورتاق مەنزىرىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىق قەدىمىنى كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلغان». بىلىنكېن بۇ يىغىندا، «C5+1 يىغىنىنىڭ تەسەۋۋۇرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، يەر شارىۋى خىرىسلارغا رايون خاراكتېرلىك ھەل قىلىش چارىلىرىنى سۇنۇپ كەلمەكتىمىز» دېگەن.