پاكىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا جىددىي نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ يېقىندا پاكىستان ھۆكۈمىتىنى «يالغانچىلىق ۋە ئالدامچىلىق» تا ئەيىبلىگەندىن كېيىن پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا جىددىي نارازىلىق بىلدۈرگەن.

«مۇنبەر» گېزىتىنىڭ 2-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پاكىستانغا بېرىلمەكچى بولغان 255 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ھەربىي ياردەمنى توڭلىتىپ قويغان. ئاق ساراي بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ: «پاكىستاننىڭ تېررورلۇققا قانداق ئىنكاس بىلدۈرۈشى بۇ ياردەمنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇ مەسىلە ھەققىدە تىۋېتتېردا ئۇچۇر يوللاپ: «بىز ئۆتكەن 15 يىلدا پاكىستانغا 33 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ياردەم بەرگەن بولساقمۇ پاكىستان بىزنى ئىزچىل ئالداپ كەلدى. پاكىستان تېررورلۇققا ئۈنۈملۈك زەربە بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ھازىر پاكىستان تېررورچىلارنىڭ جەننىتى بولۇپ قالماقتا» دېگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ2-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 1-يانۋار كۈنى پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دەيل خالنى چاقىرتىپ، دونالد ترامپ يوللىغان ئۇچۇر ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. پاكىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خوجا مۇھەممەد ئاسىف مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە «پاكىستاننىڭ ئامېرىكىنىڭ ياردىمىسىزمۇ كۈنى ئۆتىۋېرىدىغانلىقى» نى ئېيتقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پاكىستاننىڭ قوشنىسى ئافغانىستان بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، دونالد ترامپنىڭ «ھەقىقەتنى ئېيتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سۆزچىسى گېنېرال دۆلەت ۋەزىرى «پاكىستان ھېچقاچان تېررورلۇققا قارشى پائالىيەتلەرگە كۈچ قوشقىنى ياكى ئۇنىڭغا ئىشتىراك قىلغىنى يوق» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بەزىلەر «ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى پاكىستاننى خىتاي تەرەپكە تېخىمۇ ئېگىلدۈرۈشى مۇمكىن» دېيىشمەكتە.