كامالا خاررىس مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلىققا تاللىغان تىم ۋالزنىڭ خىتاي بىلەن «كەڭ ئالاقىسى» بار ئىكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.08.07

ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ كېلەر قېتىملىق پىرېزىدېنت نامزاتى كامالا خاررىس، مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلىق نامزاتىغا تاللىغان مىنىسوتا شتاتىنىڭ باشلىقى تىم ۋولز(Tim Walz)، تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى قانلىق باستۇرۇلغان 1989-يىلى خىتايدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بولۇپ، ئۇ كېيىنرەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىدچىسىگە ئايلانغان.

تىم ۋالز 2006-يىلى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىغا ئىشتىراك قىلغاندىن كېيىن، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە خىتاينى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ خىتاي بىلەن «دىيالوگ» نى داۋاملاشتۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. تىم ۋالز 2016-يىلى تىبەت، بېيجىڭ ۋە خوڭكوڭنى زىيارەت قىلغاندا خىتاي بىلەن «دىيالوگنى قايتىلاشنىڭ چوقۇم ھېقىقى ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشى كېرەكلىكى، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىش ياكى ئىشنى ئېقىشىغا قويۇپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقى» نى ئېيتقان.

ئۇ، تىبەت روھانى داھىيسى دالاي لاماغا «تىبەت خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ كۈچەيتىلىشى ۋە قوغدىلىشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن. كامالا خاررىس 6-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قانلىق باستۇرۇشىغا شاھىت بولغان 60 ياشلىق تىم ۋالزنى، رەسمىي ئۆزىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلىق نامزاتى قىلىپ تاللىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىغا ئامېرىكا تارىخىي، مەدەنىيىتى ۋە ئىنگلىز تىلىدىن دەرس ئۆتكەن تىم ۋالز، ئامېرىكاغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ خىتاي بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەن. ئۇ ئايالى بىلەن شەخسى شىركەت قۇرۇپ، ھەر يىلى يازدا ئامېرىكانىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى خىتايغا ساياھەتكە تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ خىتاينى چۈشىنىشىنى ئالغا سۈرگەن. ھەتتا ئۇ 1994-يىلى توي قىلغاندىمۇ، ئايالى بىلەن «شېرىن ئېيى» نى خىتايدا ئۆتكۈزگەن.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا، تىم ۋالزنىڭ خىتايدىكى ۋاقتى ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاي خەلقىنىڭ ھاياتىغا بولغان تونۇشىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. خەۋەرلەردە، ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ گېئو-سىياسى رەقىبى بولغان خىتايغا قانداق تاقابىل تۇرۇشتىكى كۆز قاراش پەرقىنىڭ، تىم ۋالز بىلەن جۇمھۇرىيەتچى مۇئاۋىن پىرېزىدېنت نامزاتى د. ج ۋەنس(D. J. Vence) ئارىسىدىكى مۇنازىرىدە ئىپادىسىنى تاپىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.