ئامېرىكاغا قاچاق كەلگەن خىتاي پۇقرالىرى كەندىرلىكتە قۇل ئەمگىكىگە سېلىنغان
2024.06.25
يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي چېگراسىدىن قاچاق يوللار بىلەن كېلىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرى كۆپىيىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكاغا كەلگەندىن كېيىن، جان بېقىش ئۈچۈن خىتايلار ئاچقان كەندىرلىكتە قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان.
24-ئىيۇن، «ئامېرىكا ئاممىۋى رادىيوسى» (NPR) نىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى ئامېرىكانىڭ يېڭى مېكسىكا ئىشتاتىدا ئېچىلغان كەندىرلىكتە نەچچە ئونلىغان خىتاي پۇقراسىنىڭ قۇلدەك ئىشلەۋاتقانلىقى بايقالغان، ئۇلار جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتىدىن بۇ يەرگە يۆتكەپ كېلىنگەن بولۇپ، بۇ يەردىن ئايرىلىشقا يول قويۇلمىغان، ئىش ھەققىمۇ بېرىلمىگەن. ئۇلار ساقچىلارنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتكەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇشۇنداق خىتاي پۇقرالىرى ئامېرىكانىڭ كەندىر تېرىش ۋە نەشە چېكىش قانۇنلۇق بولغان ئىشتاتلىرىدىكى كەندىرلىكتە ئىشلىمەكتىكەن. ئۇلارنىڭ خوجايىنلىرى ئاساسەن خىتاي بولۇپ، كوۋىد تارقالغان مەزگىلدە كەندىر تېرىپ، نەشە سېتىپ پۇل تېپىش ئۈچۈن كۆپلەپ خىتايلارنى ياللاپ ئىشلەتكەن. بۇ خىتايلارنىڭ پاسپورتى ۋە يانفونى تارتىۋېلىنغان، ياتاق، تامىقى بېرىلگەن، كۈنىگە 15 سائەت ئىشلىتىلگەن.
ئامېرىكا چېگرا مۇداپىئەسى ئورنىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2023-يىلى ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي چېگراسىدىن قانۇنسىز كىرگەن خىتاي پۇقرالىرى 37 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئۆتكەن 10 يىلدا كىرگەنلەرنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كەندىر تېرىپ نەشە ئېلىش ھازىر ئامېرىكادىكى چوڭ كەسىپكە ئايلانغان بولۇپ، ئۇنى قانۇنلۇق قىلغان ئىشتاتلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن جان باقىدىغان خىتايلار كۆپەيگەن. ھالبۇكى، فەنتىلىن قاتارلىق زەھەرلىك بۇيۇملارنى كونترول قىلىشتا خىتاي بىلەن مۇرەسسەلىشىشكە مەجبۇر بولغان ئامېرىكانىڭ، نەشە تېرىپ سېتىشنى قانۇنلۇق قىلىشى خىتاي ئۈچۈن ئامېرىكا جەمئىيىتىگە سىڭىپ كىرىدىغان يەنە بىر پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكتىكەن.