خىتاي ۋە رۇسىيە ئامېرىكا جەنۇبىي كورېيەگە ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان بومبا قالقان سىستېمىسىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.03.12

خىتاي ۋە رۇسىيە ئامېرىكا جەنۇبىي كورېيەگە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى پىلان قىلىۋاتقان ئىلغار تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن.

ۋاشىنگتون ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نارازىلىقنى يۇقىرىقى ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئوتتۇرىغا قويغان.

شىمالىي كورېيە ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى بىر ئۇزاق مۇساپىلىك راكېتانى سىناق قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە دائىرىلىرى جەنۇبىي كورېيەگە ئەڭ ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى - يۇقىرى بوشلۇق ھاۋا مۇداپىئەسى تېرمىنالىنى ( THAAD) ئورنىتىش پىلانىنى ئاشكارىلىغان.

جۈمە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغان رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا: «جەنۇبىي كورېيەگە بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىك مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزىدۇ» دېگەن.

لاۋروۋمۇ بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسىنى جەنۇبىي كورېيەگە ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئارتۇقچە ئەندىشە قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي - رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى جۈمە كۈنى بېيجىڭدا كورېيە يېرىم ئارىلىرى ۋەزىيىتى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى.

ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنىڭ تەھدىتىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەگە يۆتكىمەكچى بولغان مەزكۇر قالقان سىستېمىسى، قارشى تەرەپ ئاتقان ھەر قانداق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى يۈز پىرسەنت پاچاقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.

ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى پىلانى فېۋرالدا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلا مىنىستىرى ۋاڭ يى بۇنىڭ خىتايغا قارىشى ئىشلىتىلىشىمۇ مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.