ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپلىق قىلغان چەتئەل ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش قانۇنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى پەيشەنبە كۈنى ئاۋاز بېرىپ، ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپلىق قىلغان چەتئەل ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش، ئامېرىكىدىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىش ھەققىدىكى بىر قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىدى.

«يەر شارى ماگنىستىسكىي ئىنسان ھەقلىرى جاۋابكارلىق لايىھەسى» ناملىق مەزكۇر قانۇنغا رۇسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى سېرگىي ماگنىتىسينىڭ نامى بېرىلگەن. سېرگىي ماگنىتىسكىي 2009-يىلى رۇسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ بىر خىيانەتچىلىك دېلوسىنى پاش قىلىش ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە ئۆلگەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە، قانۇندىن ھالقىپ ئادەم ئۆلتۈرۈش، تەن جازاسى بېرىش ياكى خەلقئارادا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان باشقا ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپ ھەرىكەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغان شەخس ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى جازالاش ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

بۇ لايىھە 2015‏-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، شۇ يىلى 12-ئايدا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللانغان. مەزكۇر لايىھە پەيشەنبە كۈنى ئاۋام پالاتاسىدا بىردەك ماقۇللانغانىدى. ئەمدى بۇ لايىھە پرېزىدېنت قول قويسا، رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
مەزكۇر لايىھە رەسمىي كۈچكە ئىگە بولسا، ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغان ھەرقانداق ئەمەلدارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى مال مۈلكىنى توڭلىتىش، ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىن پايدىلىنىشىنى مەنئى قىلىش قاتارلىق ھوقۇقلارنى بېرىدۇ. مەزكۇر لايىھە ئىلگىرى د ئۇ ق نىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.