قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى تېررورلۇق ھۇجۇم يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتىكى ئەلچىخانىسى شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، قىرغىزىستاندا تېررورلۇق ھۇجۇم يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى. ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىدا، «قىرغىزىستاندا بەلكى مۇشۇ 10‏-ئاي ئىچىدە تېررورلۇق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ۋە چەتئەل دىپلوماتلىرىنى گۆرۈگە تۇتۇش، رەنىگە ئېلىشنى نىشان قىلىشى مۇمكىن» دېيىلگەن.

ئەمما ئەلچىخانا، بۇ ئۇچۇرغا قانداق ئېرىشكەنلىكى، تېررورلۇق ھۇجۇمنى كىملەرنىڭ ئېلىپ بېرىشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالمىغان. ئەلچىخانا باياناتىدا يەنە، «قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ۋە مەنپەئەتىنى نىشان قىلغان كونكرېت بىر تەھدىت يوق بولسىمۇ، ئەمما ئەلچىخانىمىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىلەن قىرغىزىستاندا ياشايدىغان ۋە ساياھەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

ئەنگلىيە ئەلچىخانىسى بولسا ئوش، جالالئاباد، باتىكەنت رايونلىرىنى زىيارەت قىلىدىغان ئەنگلىيە پۇقرالىرىنى ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا چاقىرغان. بۇ يىل 30‏-ئاۋغۇست خىتاينىڭ بىشكەكتىكى ئەلچىخانا قورۇسى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ۋەقەدە ھۇجۇمچى ئۆلگەن، ئاز دېگەندە 3 ئادەم يارىلانغان. بۇ ۋەقە خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇچرىغان تۇنجى ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئىدى.

قىرغىزىستان ئامانلىق دائىرىلىرى ھۇجۇمچىنىڭ تاجىكىستان پاسپورتلۇق بىر ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ سۈرىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان قوراللىق غازاتچى گۇرۇھلار بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.