ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنچ ئوكياندا خىتايغا قارشى «راكېتا تېمى» سالماقچى
2023.11.23
«ئاسىيا ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 21-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ قوماندانى گېنېرال چارلىز فلىين (Charles Flynn) يېقىندا كانادادىكى نوۋا سكوتىيا ئۆلكىسىدە ئېچىلغان «خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى» دە سۆز قىلىپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدا خىتايغا قارشى يېڭىدىن «راكېتا مۇداپىئە تېمى» ھاسىل قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى 2024-يىلىدا بەرپا قىلىپ چىقماقچى بولغان «راكېتا مۇداپىئە تېمى» ئوتتۇرا مۇساپىلىك راكېتا (باشقۇرۇلىدىغان بومبا) نى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، كېيىنكى قەدەمدە ئۇزۇن مۇساپىلىك راكېتا سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا ئۇل سالىدىكەن. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەت خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھەربىي مۇداخىلە يۈرگۈزۈشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىكەن.
«مۇداپىئە بىرىنچى» (Defense One) ژۇرنىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېنىق قىلىپ، بۇ قېتىمقى «راكېتا مۇداپىئە سىستېمىسى» غا يەنە 500 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى نىشاننى پاچاقلاپ تاشلىيالايدىغان راكېتالارنىڭمۇ قوشۇلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئامېرىكا ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلاردىن سانىلىۋاتقان ئاۋسترالىيە، جەنۇبى كورېيە، ياپونىيە ۋە فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بولىدىغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بۇ مۇداپىئە سىستېمىسىغا ئىشتىراك قىلىشتا ئىككىلىنىپ تۇرماقتا ئىكەن. خەۋەردە بۇ ئەھۋال توغرىسىدا توختىلىپ «شىمالىي كورېيە ۋە خىتايدىن كېلىۋاتقان تەھدىتنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن ياپونىيە ھازىر بۇ سىستېمىغا شېرىك بولۇشقا قىزىقماقتا» دېيىلگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئارمىيەسىمۇ بۇنىڭغا قارشى بەزى تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقان بولۇپ، ئۆزىنىڭ بىر قىسىم راكېتا سىستېمىسىنى دېڭىز بويى رايونلىرىغا يۆتكەشكە باشلىغان. شۇنىڭدەك بۇنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى قارشى كۈچلەرنىڭ بولغۇسى ھۇجۇملىرىغا قارشى ھەربىي تەييارلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.