خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېننىڭ رامىزانلىق باياناتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشىدىن نارازى بولغان. ئامېرىكانى «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ‹قوش ئۆلچەم› قوللىنىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 13-مارت كۈنىدىكى ئاخبارات يىغىندا مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدا توقۇنۇش يوق، توقۇنۇش بولۇۋاتقىنى غەززەدۇر. شىنجاڭدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلار غەززەدىكى مىليونلىغان مۇسۇلمانلار ئۇچرىغاندەك ئاچارچىلىققا، كۆچۈرۈلۈشكە ۋە ئۆلتۈرۈلۈشكە دۇچ كەلگىنى يوق.»
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىغا كىرىشى مۇناسىۋىتى بىلەن رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا مىقياسىدىكى 1 مىليارد 800 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ رامىزان ئېيىنى مۇبارەكلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ يىللىق رامىزان شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار، بېرما ۋە باڭلادېشتىكى روھىنگالار، شۇنداقلا غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار رايونلىرىدا توقۇنۇش بولۇۋاتقان، مۇسۇلمانلار ئازاب-ئوقۇبەتكە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە كەلدى.»
خىتاي باياناتچى ۋاڭ ۋېنبىن ئامېرىكانىڭ يۇقىرىقى سۆزىنى «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئىككى خىل ئۆلچەم قويغانلىق، ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىگە سىياسەتنى ئارىلاشتۇرغانلىق» دەپ ئەيىبلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى «خاماس» بىلەن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، پەلەستىن مەسىلىسىنى كوزىر قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يوققا چىقىرىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خەلقئارا كېلىشىم ۋە قانۇن مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ما شىنمىڭ 22-فېۋرال كۈنى گوللاندىيەدە ئېچىلغان خەلقئارا ئادالەت سوتىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىنىدا، «بىز مۇستەملىكىچىلەر ۋە چەت ئەل ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، جۈملىدىن قوراللىق كۈرەش قىلىشنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيمىز» دېگەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزى كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان، خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار ۋە پەلەستىن مەسىلىسىدىكى «قوش ئۆلچەم» سىياسىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەرگەن ئىدى.