خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا- رۇسىيە يادرو قوراللار سۆھبىتىگە قاتنىشىشنى رەت قىلدى

ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ھۆكۈمەتلىرى 22-ئىيۇندا ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننا شەھىرىدە يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش كېلىشىمى بويىچە يېڭى سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ بۇ سۆھبەتكە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» نىڭ 9-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەسلىدىكى يادرو قوراللارنى قىسقارتىش سۆھبىتى بۇ يىل فېۋرالدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان بولسىمۇ، ۋىرۇس ۋاباسى تۈپەيلىدىن بۇنىڭغا مۇمكىن بولمىغان.

سىنگاپوردا چىقىدىغان «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاق ساراينىڭ ھەربىي كونتروللۇق ئىشلىرىدىكى ئالاھىدە ئەلچىسى مارشال بىلىڭسىليا يېقىندا «خىتاينىڭ يادرو قوراللىرىنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئامېرىكىغىلا ئەمەس، رۇسىيەگىمۇ تەھدىت. بۇنىڭ بىلەن ئۈچ تەرەپ ئوتتۇرىسىدا يادرو قوراللىرى مۇسابىقىسى پەيدا بولۇۋاتىدۇ» دېگەنىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ ئامېرىكانى سەمىمىي بولمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە بۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ قېتىملىق سۆھبەتكە قاتناشماسلىقىدىكى ئاساسىي سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورېيە، ئىران قاتارلىقلارنىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئاستىرتىن مەخپىي ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن خەۋەرلەر مەلۇم بولغانىدى.