ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىي روسىيىدىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جون كېررىي رۇسىيە دائىرىلىرى بىلەن سۈرىيەدىكى تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتتە ھەمكارلىشىشىنى كۆزلەيدىكەن. ئىككى كۈنلۈك زىيارەت جەريانىدا ئىككى تەرەپنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقى مەلۇم. جون كېررىي مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە شۇنداقلا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېيرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق باشقا تەپسىلاتلار ئۈستىدە توختالمىغان.
بىراق، ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن جون كېررىينىڭ رۇسىيەدىن ئامېرىكا-رۇسىيە ئارمىيىلىرىنىڭ دائىش ۋە ئەل-قائىدە تەشكىلاتلىرىغا قارشى ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئۇكرائىنىيە مەسىلىسى سەۋەبىدىن قاتتىق يىرىكلىشىپ كەتكەن ئىدى. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، جون كېررىينىڭ زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىپ، خەلقئارادىكى جىددىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ۋە دۇنيا تېنچلىقىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
