ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە سۈرىيىدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.09.11


ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كەررى بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ شەنبە كۈنى جەنۋەدە ئۆتكۈزگەن سۈرىيە مەسىلىسىگە ئائىت يېڭى سۆھبىتى نەتىجىسىدە ئەسەد كۈچلىرى بىلەن ئۆكتىچى كۈچلەر ئارىسىدا ئۇرۇش توختىتىش بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

مەزكۇر كېلىشىم 12 - سېنتەبىر كۈنىدىن ئېتىبارەن كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ يېزىشىچە سۈرىيە دۆلەت ئاگېنتلىقى شەنبە كۈن سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ئارىسىدا ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىشى كېلىشىم شەرتلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى مەزكۇر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ قېتىم رۇسىيە تەرەپ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە رايونلاردىكى ئۆكتىچى كۈچلەرگە قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى توختىتىشى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىنمۇ، شەنبە كۈنى سۈرىيە ھۆكۈمەت ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئىدلىپ شەھىرىدىكى بىر بازارغا قاراتقان ھەم ئالېپپو ئۆلكىسىگە قاراتقان ھاۋا بومباردىمانىدا كەم دېگەندە 82 ئادەم ئۆلگەنلىكى ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن بىلدۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.