ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېرىشىشىنى چەكلەش ئۈچۈن بىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان
خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەر بۇ ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ مۇرەككەپ تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى قوزغىيالايدۇ، جاسۇسلۇق قىلالايدۇ
-
ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024-03-21 -
-
-
20- مارت كۈنى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئامېرىكانىڭ سەزگۈر سانلىق مەلۇماتلىرىنى خىتايغا ئوخشاش رەقىبلەشكۈچى دۆلەتلەرگە سېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ چىققان. بۇ لايىھە ئاۋام پالاتادىكى ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تولۇق ئاۋازى بىلەن ئۆتكەن.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ دېيىشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكادىكى سانلىق مەلۇمات ۋاسىتىچى شىركەتلىرىنى ھۆكۈمەت تارقاتقان كىملىك، مالىيە ھېساباتى نومۇرى، گېن ئۇچۇرى، ئېنىق جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئۇچۇرى ۋە ئېلخەتكە ئوخشاش خۇسۇسىي ئالاقىلەرنى سېتىشتىن چەكلەيدىكەن.
0 گە قارشى 414 ئاۋاز بىلەن ئۆتكەن بۇ لايىھە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە سودا كومىتېتىنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى فرانك پاللون (Frank Pallone) نىڭ قوللىشى بىلەن تونۇشتۇرۇلغان. ئۇ بۇ لايىھە ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دېگەن: «سانلىق مەلۇمات ۋاسىتىچى شىركەتلىرى توپلىغان كەڭ كۆلەملىك سەزگۈر خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنىڭ دۈشمەنلىرىمىزگە سېتىلىشى، ئۇنى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكىمىز ئۈچۈن زور تەھدىتكە ئايلاندۇرىدۇ. خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەر بۇ ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ مۇرەككەپ تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى قوزغىيالايدۇ، جاسۇسلۇق قىلالايدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىدىكى بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئالدىنقى ھەپتە ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن تىك-توك ئەپىنى خىتايدىكى ئانا شىركىتىدىن ئايرىشقا مەجبۇرلاش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىگە يانداش چىقىرىلغانىكەن.
تىك-توك ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن بىرى بولغان راجا كىرىشنامورتى بۇ ھەقتە توختالغاندا «بۇ ئىككى قانۇن لايىھەسى بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، سانلىق مەلۇمات ۋاسىتىچىلىرىنى چەكلەش ئارقىلىق بىز دۈشمەنلىرىمىزنىڭ باشقا مەنبەلەر ئارقىلىق ئامېرىكالىقلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى سېتىۋېلىشىنى توسىيالايمىز» دېگەن.
سانلىق مەلۇمات ۋاسىتىچى شىركەتلىرىنى خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق رەقىبلەشكۈچى دۆلەتلەرگە ئامېرىكالىقلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى سېتىشتىن چەكلەيدىغان بۇ قانۇن لايىھەسى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ، ماقۇللۇقتىن ئۆتسە، پىرېزىدېنت بايدىننىڭ قول قويۇشى بىلەن ئاندىن رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىدۇ.
بىراق جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتىگە سۆز قىلغان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكادىكى Facebook، گۇگىل ۋە X قاتارلىق سۇپىلارنىڭ ئەڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋاسىتىچىلىرى ئىكەنلىكىنى، سانلىق مەلۇمات سېتىش نېگىزلىك سودا ئەندىزىسى بولغان بۇ شىركەتلەرنىڭ چوقۇم بۇ قانۇن لايىھەسىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ مۇتەخەسسىسلەر يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن بۇنداق بىر لايىھەنى ماقۇللاپ چىقىشىنى بۇ ساھەدىكى «بەلگىلىك ئىلگىرىلەش»، دەپ باھالىغان.