ئامېرىكا «سېرىقبۇيا ۋەقەسى» دىكى مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.05.01

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكى«23 - ئاپرېل سېرىقبۇيا ۋەقەسى» دىكى مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاينى مەزكۇر ۋەقەگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مۇۋەققەت مۇئاۋىن باياناتچىسى پاترىك ۋەنترېلل سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بىز بۇ زوراۋانلىقتىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇق. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر ۋەقە ئۈستىدىن تەلتۆكۈس، ئوچۇق - ئاشكارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ۋە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ بارلىق قانۇنىي ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز، دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: قىسقىسى بىزنىڭ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى مەيدانىمىز ئۆزگەرمىدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكى 24 - ئاپىرىلدىكى باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان مەزكۇر ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە توختالمىغان ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.