ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرى خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىدىن يىراقلىشىشقا باشلىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.03.18

ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرى كۆپ يىللاردىن بۇيان، خىتاينىڭ ھەربىي ئىشلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىپ كەلگەن ئىدى. لېكىن ئامېرىكادىكى «تېخنىكا سىياسىتى مەپكۇرىسى» ناملىق تور ژۇرنىلىنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يېقىندىن بېرى بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى، شۇنداقلا ئامېرىكا جامائەت پىكرىنىڭ خىتايغا بولغان سەلبىي قارىشى سەۋەبىدىن بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىشتىن يىراق تۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاي ئىستىراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتى ئۆتكەن ئايدا تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى كرىمنىي رايونىغا جايلاشقان بىر قانچە داڭلىق شىركەتنىڭ ‍ئۆتكەن 20 يىل مابەينىدا خىتاي شىركەتلىرىگە ئاز دېگەندە 3 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغانلىقىنى ئېيتقان.

دوكلاتتا، مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلەرنىڭ خىتاي ھەربىي تەرەققىياتىغا ھەم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشىغا ھەسسە قوشۇۋاتقانلىقى تەكىتكلەنگەن. دوكلاتتا بۇ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ سېكۇئايا كاپىتال، ۋالدىن خەلقئارا شىركىتى، كۇئالكام ھەسسىدارلىق شىركىتى، GSR ھەسسىدارلىق شىركىتى، GGV كاپىتال قاتارلىق شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ‍ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى دوكلاتتا بۇ كومىتېتنىڭ پەقەت بەش مەبلەغ سېلىش شىركىتىنى تەكشۈرگەنلىكى، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ساھەسىگە سالغان ئومۇمىي مەبلىغىنى ھېساپلىمىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. «تېخنىكا سىياسىتى مەپكۇرىسى» سىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە بىلدۈرۈشىچە، GGV كاپىتال شىركىتى ئۆزىنىڭ خىتاي تېخنىكا شىركىتىگە سالغان مەبلىغىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن GGV كاپىتال شىركىتى ئىلگىرى خىتاينىڭ كۇڭشى (Megvii) تېخنىكا شىركىتىگە مەبلەغ سالغان. ھالبۇكى، كۇڭشى تېخنىكا شىركىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قاتنىشىشى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە ئېلىنغان ئىدى. «تېخنىكا سىياسىتى مەپكۇرى» سىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، GGV كاپىتال شىركىتى GGV كاپىتال ئامېرىكا ۋە GGV كاپىتال ئاسىيا، دەپ ئىككى تارماققا بۆلۈنىدىغانلىقى ۋە «خىتايغا مەبلەغ سالمايدىغانلىقى» نى ئېيتقان. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىستىراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا، ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو تىزىملىكى، شۇنداقلا «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ تىزىملىكىدىكى خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش ھەققىدە قانۇن چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.