ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تارماق كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق يىغىنىدا، ئامېرىكا ئىنتىل شىركىتىنىڭ سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل باش ئەمەلدارى جېف رېتىنېر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى تەنقىد قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
بۇ ئىنتىل شىركىتىنىڭ 2021-يىلى خىتايدىكى تەمىنلىگۈچى شىركەتلىرىگە خەت يېزىپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن خالى تۇرۇشنى تەلەپ قىلىشىدىن، ئارقىدىنلا بۇ خەت سەۋەبلىك خىتايدىن كەچۈرۈم سورىشىدىن بېرى، تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئالغا دۇچ كېلىشىدۇر. مەلۇم بولۇشىچە، جېف رېتىنېر گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئۆزىنىڭ پىكىر بىلدۈرۈشى ئۈچۈن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە مۇتەخەسسىس ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. جېف رېتىنېر بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرى تارماق كومىتېتىنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنىدا، پالاتا ئەزاسى جوش خوۋلېينىڭ ئۇيغۇرلار ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە تەكىتلىگەن.
يىغىندا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جوش خوۋلېي «سىزنىڭ شىنجاڭدىكى مال تەمىنلىگۈچىلىرىڭىزنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق» دەپ سورىغانىدى.
«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خەۋەر قىلىشىچە، ئىنتىل شىركىتى 2021-يىلى 11-ئايدا خىتايدىكى مال تەمىنلىگۈچى شىركەتلىرىگە خەت يېزىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن خالى تۇرۇشنى تەلەپ قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ تەلەپنىڭ پەقەت ئامېرىكا قانۇنلىرىغىلا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. يىغىندا جوش خوۋلېي، جېف رېتىنېردىن «بۈگۈن سىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئېكسپلاتاتسىيە قىلىۋاتقانلىقىغا پىكىر بىلدۈرۈشنى خالىمايسىز، شۇنداقمۇ؟» دېگەن سوئالنى سورىغاندا، رېتىنېر: «مەن بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى مۇتەخەسسىسلەرگە قالدۇرۇپ قويماقچى» دېگەن. جېف رېتىنېرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇ ئۇيغۇرلارنى بىلسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرىنى خاتا دېيىشى ئۈچۈن «مۇتەخەسسىس ئەمەس» ئىكەن. جوش خوۋلېي بولسا جېف رېتىنېرنىڭ سۆزىگە ئىشىنەلمەي قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «كىشىنى ھەيران قالدۇرغىنى، سىزنىڭ شىركىتىڭىزمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش قىلغانىدى» دەپ كۆرسەتكەن.