ئامېرىكا-خىتاي سودا كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى باھالاش سۆھبىتى كېچىكتۈرۈلگەن
بۇ يىل 2-ئايدا ئىمزالانغان ئامېرىكا-خىتاي 1-باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى باھالاش سۆھبىتى كېچىكتۈرۈلگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقەدىن خەۋەردار زاتلار ئەسلى 15-ئاۋغۇست كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكى، ئامېرىكا سودا مىنىستىرى لايتخايزېر ۋە مالىيە مىنىستىرى منۇچىن بىلەن خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ خې ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يېڭى سۆھبەت ۋاقتىنىڭ تېخى بېكىتىلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا بىلەن خىتاي بۇ يىل 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 1-باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى ئىمزالاپ، ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى باھالاشنى قارار قىلغان. كېلىشىمدە خىتاي ئامېرىكادىن زور مىقداردا يېزا-ئىگىلىك ۋە ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشقا ماقۇل بولغان ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، ۋەقەدىن خەۋەردار زاتلار سۆھبەتنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىدىكى ئىختىلاپ ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ سېتىۋېلىشىغا ۋاقىت بېرىش مەقسىتىدە كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي 1-باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمىدە ئامېرىكادىن قوشۇمچە 200 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلات سېتىۋېلىشنى ۋەدە قىلغان. لېكىن كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك سېتىۋېلىش بىر مەزگىل تەسىرگە ئۇچرىغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يېقىنقى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا يېزا-ئىگىلىك ۋە ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى كۈچەيتكەن. ترامپ ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلار يېقىنقى سېتىۋېلىشلاردىن مەمنۇن ئىكەنلىكى، سودا كېلىشىمىدىن ۋاز كېچىش پىلانى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.