ئامېرىكا-تەيۋەن سودا سۆھبىتى خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنى نىشان قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.08.18
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ دىپلوماتىيە ۋە سودا مۇناسىۋىتى كۈچىيىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق ھەيۋىلىرىگە پىسەنت قىلماستىن تەيۋەندە رەسمىي زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن بۇ يۈزلىنىش تېخىمۇ ئاشماقتا .

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ  18-ئاۋغۇستتىكى ئوبزور ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق سودا سۆھبىتى كۈز پەسلىدە باشلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئىككى تەرەپنىڭ ئىمپورت ۋە ئېكسپورت ساھەسىگە مەنسۇپ بىر قاتار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. ئامېرىكا سودا ۋەكىللەر ئىشخانىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتتا :«بۇ سۆھبەت ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش پائالىيىتىنى كۈچەيتىدۇ» دېيىلسە، تەيۋەن سودا ۋەكىللەر ئىشخانىسى «بۇ ئارقىلىق دۇنيادىن، شۇنىڭدەك ئامېرىكادىن تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ۋە تېخنىكا ئەكىرىشكە يول ئېچىلىدۇ» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىغۋاگەرچىلىكى ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقتىن بۇ خىل سودا ھەمكارلىقىنىڭ زۆرۈر بولۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭدا خىتايغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىر مۇھىم مەقسەت ئىكەنلىكى ھازىر ھەر ساھە كىشىلىرىگە مەلۇملۇق رېئاللىق بولۇپ قالماقتا ئىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى شۈ جۆتىڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ ؛«بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تەيۋەن بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈشكە ئۈندەيمىز» دېگەن. ئەمما بۇ قېتىمقى ئىپادىسى ئۇلارنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى «بۆرە دىپلوماتىيەسى» دىن زور دەرىجىدە يۇمشاق بولغانلىقى نۆۋەتتە بەلگىلىك دىققەت قوزغىماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.