ئامېرىكا-تەيۋەن دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى

ئامېرىكا ۋە تەيۋەننىڭ ئورتاق ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان 2022-يىللىق دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرى 30-ئاۋغۇست كۈنى تەيبېي شەھىرىدە چاقىرىلغان بولۇپ، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل بۇ يىغىندا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى مۇنبەردە ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغان نۇرى تۈركەل خىتاي كومپارتىيەسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى «ئاپتونومىيە ھوقۇقى» ۋەدە قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە قىرغىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك «يۈكسەك ئاپتونومىيە» بېرىلگەن خوڭكوڭدىكى باستۇرۇشلارنى ئەسلىتىپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننى ئىشغال قىلسا بۇ جايدىمۇ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى ئاشۇ خىلدىكى قەبىھلىكنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئائىلە جۇدالىقى، مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى «يەھۇدىي زور قىرغىنچىلىقى» نىڭ تەكرارلىنىشى بولۇۋاتقانلىقىنى، تارىختىن ساۋاق ئالمىغاندا تىراگىدىيەلەرنىڭ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇ سۆزىدە بۇ توغرىلىق توختىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى تەيۋەنگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، سىلەرنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تەتقىق قىلىدىغان ۋاقتىڭلار كەلدى. تەيۋەننى قوغداپ قالالمىساڭلار ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن قىسمەت سىلەرگىمۇ كېلىدۇ. ‹ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش› دېيىش سىلەرنى بۇ تەقدىردىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمايدۇ» دېدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى راشاد ھۈسەيىن (Rashad Hussain) بۇ قېتىمقى يىغىنغا تور ئارقىلىق قاتناشقان بولۇپ، تەيۋەندىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش خىزمىتىگە يۈكسەك باھا بەرگەن. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشتا دىنىي ئېتىقادنى مۇھىم باھانە قىلغانلىقىنى كەسكىن ئەيىبلىگەن.

يىغىندا تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن تەبرىك نۇتقى سۆزلەپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھەقلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە «تەيۋەن ھەرقاچان پۈتۈن كۈچى بىلەن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ھىمايە قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەلنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى (Nancy Pelosi) ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى مارشا بلەكبۇرن (Marsha Blackburn) خىتاينىڭ قاتتىق ھەيۋە كۆرسىتىشىگە قارىماستىن تەيۋەندە رەسمىي خىزمەت زىيارىتىدە بولغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ تەيۋەندىكى خىزمەت زىيارىتى ھېسابلىنىدىكەن.