دونالد ترامپىنىڭ سەي يىڭۋېن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ئىنكاس قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-12-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئامېرىكا قوشما شتالىرىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان پرېزىدېنتى دونالد ترامپ جۈمە كۈنى تەيۋەن پرېزىدېنى سەي يىڭۋېن بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەن بولۇپ، ئىككەيلەن ئارىسىدىكى سۆھبەت 10 مىنۇتتىن ئاشقان،

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دونالد ترامپنىڭ سەي يىڭۋېن بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتى ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋەت تارىخىدىكى يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى بىر يېڭىلىق بولۇپ، بۇ،1979-يىلىدىن بۇيان تەيۋەن پرېزىدېنتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان پرېزىدېنتى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشى ئىكەن.

دونالد ترامپ بىلەن دېموكراتىك ئىلغارلىق پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننىڭ تېلېفون سۆھبىتى تەيۋەن، چوڭ قۇرۇقلۇق ۋە ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا تۈرلۈك ئىنكاسلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

شەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خىتاي تەرەپنىڭ بۇ ئىش ھەققىدە ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەرەپلىرىگە قاتتىق نارازىلىق ئىنكاس بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.

شۇ كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىمۇ مەتبۇئاتلارغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، بۇ ئىشنى تەيۋەن تەرەپنىڭ «كىچىك ھەرىكىتى» دەپ ئاتىغان ھەمدە ئۇنىڭ خەلقارا جەمئىيەتتە شەكىللىنىپ بولۇنغان بىر جۇڭگو ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

سەي يىڭۋېن بىلەن دونالد ترامپنىڭ سۆھبىتى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ ئىنكاسلىرىنى قوزغىغان بولۇپ، «ۋاشىنگتون پوچتىسى»گېزىتىدىكى بىر ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ترامپ بىلەن سەي يىڭۋېننىڭ تېلېفون سۆھبىتى دىپلوماتىيە تەرتىپىنى بۇزۇپ تاشلىغان بولۇپ، بۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مەلۇمكى، دونالد ترامپ سايلام جەريانىدىكى سۆزلىرىدە ئامېرىكا-خىتاي سودا-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالغاندا خىتاينى كۆپ قېتىم تەنقىد قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت