سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.09.19

«ۋاشىنگتون ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 17-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكاىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو (Mike Pompeo)، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى «تەيۋەن كوممۇنىستىك خىتايدىن ئايرىم بىر مۇستەقىل دۆلەت» دەپ ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى.

پومپېيو ئەپەندى شۇ كۈنى خۇدسون ئىنستىتۇتىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى ھەققىدە سۆز قىلىپ «مېنىڭ خۇسۇسىي كەچۈرمىشىم ئاللىقاچان تەيۋەننىڭ مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن» دېگەن. شۇنداقلا خىتاينىڭ 2021-يىلى يانۋاردا ئۆزىگە جازا ئېلان قىلغانلىقىنى، شۇڭا خىتايغا بېرىشى چەكلەنگەن تۇرۇقلۇق ئۆزىنىڭ تەيۋەننى ئەركىن زىيارەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە باشقا ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇ تەشەببۇسنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. پومپېيو ئەپەندى خۇدسون ئىنستىتۇتىدىكى يىغىلىشتا مۇنداق دېگەن:

«تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسىدە مەن تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ماڭا قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەلۋەتتە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بۇنىڭدىن غەزەپلىنىدۇ ۋە قورقاق سېلىشنى باشلايدۇ. ئەمما تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاش دۇنيادىكى ئەڭ نېگىزلىك ھەقىقەتتۇر.»

خەۋەردە دېيىلىشىچە، تەيۋەننىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مايكېل سەي (Michael Tsai) بۇ باياناتنى قىزغىن ئالقىشلىغان ھەمدە مايك پومپېيونى ماختاپ «مايك پومپېيو ئەپەندىنىڭ كەلگۈسىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.

پومپېيو ئەپەندى ئامېرىكا سايلام نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن سىياسىتى ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» گە قارشى كەڭ-كۆلەمدە تەشۋىقاتنى بازارغا سېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھازىر كىشىلەرنىڭ ‹تەيۋەن مۇستەقىللىق› نى ئېتىراپ قىلىشىنى توسماقچى بولۇۋاتىدۇ. گەرچە خىتاي تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان تەيۋەندە تەيۋەننىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا ئەندىشىلەر كۆپ بولسىمۇ، تەيۋەن خەلقى ئامېرىكىنىڭ قارارىدىن گۇمانلانماسلىقى كېرەك. ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە بەرگەن ۋەدىسى ‹ئۇزۇن مۇددەتلىك، چوڭقۇر ۋە كۈچلۈك!›»

مايك پومپېيو ئەپەندى 2021-يىلى ۋەزىپىدىن ئايرىلىش ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ رەسمىي جاكارلىغان بولۇپ، بۇ قارار بىر قىسىم غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە قارار ئېلىشىغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.