ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بىڭتۇەنگە چېتىشلىق ئىمپورت ماللىرىنى چېگرادا تۇتۇپ قېلىشقا باشلىغان
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» ئىشلەپچىقارغان پاختا ۋە پاختا بۇيۇملىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى 3-دېكابىر كۈنى بىڭتۇەنگە چېتىشلىق پاختا مەھسۇلاتلىرىنى چېگرادا تۇتۇپ قالغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2-دېكابىر بىڭتۇەنىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «قۇللار ئەمگىكى» گە سالغانلىقى، ئۇنىڭ پاختا مەھسۇلاتىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتى 4-دېكابىر بەرگەن خەۋىرىدە، يۇقىرىقى بۇيرۇقنىڭ دەرھال ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقى، ئامېرىكا تاموژنىسى 3-دېكابىر ئىمپورت ماللىرىنى ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن تۇتۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن خەۋەردە، قانچىلىك مالنىڭ تۇتۇپ قېلىنغانلىقى، تۇتۇپ قالغان ماللارنىڭ قايسى شىركەتكە تەۋە ئىكەنلىكى ۋە قانداق مال ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» نىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ سابىق ئەمەلدارى ساندلېر تراۋىس ۋە روسېنبېرگ ناملىق سودا مەسلىھەت ئورنىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئەلىس شىبلېس «مەن ئىمپورت ماللىرىنىڭ تۇتۇپ قېلىشقا باشلانغانلىقى ۋە تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقىغا ئاساسەن بۇ ماللارنىڭ تەمىنەت زەنجىرىگە دائىر ئۇچۇرلار تەلەپ قىلىنغانلىقىنى كۆردۈم» دېگەن. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، «خىتاي بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن زور پايدىغا ئېرىشمەكتە» ئىكەن.









