ئامېرىكانىڭ يېڭى ئىمپورت بەلگىلىمىسى قىرغىنچىلىققا چەك قويماقچى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-12-08
Share

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسى ئۆتكەن ھەپتە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان بارلىق پاختا مەھسۇلاتلىرىنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى ئېلان قىلغاندىن كېيىن بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان قىرغىنچىلىقنى چەكلەشتە ئاكتىپ رول ئوينىشى ئۈمىد قىلىنىشقا باشلىدى. تەتقىقاتچىلاردىن لاۋرا مۇرفىي ۋە رايان سام ئىمزاسىدا «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 7-دېكابىر سانىدا ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدا مۇشۇ مەسىلە شەرھىلىنىدۇ.

ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» يېرىم ئاپتونومىيە شەكلىنى ئالغان ھالدا غايەت زور پاختا بازىسىنى ماڭدۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا بازىرىدىكى پاختا مەھسۇلاتلىرى ۋە پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ جايدىن كېلىدىكەن. بىڭتۇەننىڭ قارمىقىدا 14 كارخانا گۇرۇھى ۋە تۆت مىڭدىن ئارتۇق شىركەت بار ئىكەن. يەنە كېلىپ بىڭتۇەنلەر خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلەشتۈرۈش ھەمدە لاگېرلار قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىشتىكى ئاكتىپ ۋاسىتىلەر ئىكەن. بىڭتۇەننىڭ غايەت زور كۆلەمدىكى تېررىتورىيە ۋە بايلىقنى كونترول قىلىشى يەنە بىر ياقتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشىدا بەكمۇ مۇھىم رول ئوينايدىكەن. شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەندىن كېلىۋاتقان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى مەنئى قىلىشى ماھىيەتتە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشتە بەكمۇ مۇھىم قىممەتكە ئىگە ئىكەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئىمپورت چەكلىمىسى تاجسىمان ۋىرۇسى ھەمدە خەلقئارانىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرى تۈپەيلىدىن خىتايدىن قوشنا دۆلەتلەرگە كۆچۈرۈلۈۋاتقان زاۋۇتلارنىڭ كۆپىيىشىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما بۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئەكس تەسىرى يوق ئىكەن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكتە يالغۇز ئىقتىسادىي مەنپەئەتلا كۆزلەنگەن بولماستىن، يەنە بۇ ئارقىلىق مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت