ئامېرىكا تاموژنىسىدا تۇتۇپ قېلىنغان داڭلىق ئاپتوموبىللارغا خىتايدا ئىشلەنگەن زاپچاسلار سەۋەب بولغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.02.15

ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» تورىنىڭ 14-فېۋرال كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، پورچى (Porsche) ، بېنتلى (Bentley) ، ئاۋدى (Audi) قاتارلىق داڭلىق ۋە قىممەت ئاپتوموبىللارغا ئىشلىتىلگەن زاپچاسلار خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ماركىدىكى مىڭلىغان ئاپتوموبىللار ئامېرىكا تاموژنىسىدا تۇتۇپ قېلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يۇقىرىقى ئاپتوموبىللار گېرمانىيەنىڭ ئاپتوموبىل شىركىتى ۋولكىسۋاگېن تەرىپىدىن ياسالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن ئېلېكتىرونلۇق زاپچاسلار خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق ئىكەن. بۇ زاپچاسلارنى ۋولكىسۋاگېن بىۋاسىتە سېتىۋالغان بولماستىن، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى خىتاي زاۋۇتلىرى سېتىپ بەرگەنىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گېرمانىيەدىكى تاراتقۇلار ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئېلىۋاتقان ۋولكىسۋاگېن ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاۋاتقان بولۇپ، بۇلار مەزكۇر شىركەتنىڭ تىجارىتىگە زەربە بەرمەكتە ئىكەن.

ئەنگلىيە «ئىنتېرنېت خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ۋولكىسۋاگېن يۇقىرىقى ئەھۋالغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەر قانداق ماشىنا زاپچاسلىرىغا مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىللىرىنىڭ ئارىلىشىپ قېلىشىغا يول قويمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى، ۋولكىسۋاگېن 2019-يىل ئۈرۈمچىدە تارماق زاۋۇتىنى قۇرغاندىن باشلاپ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ قارىلىپ كەلگەن. بۇ زاۋۇتنىڭ 3 يىللىق قۇرۇلۇشىغا ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى گېرمانىيە «سودا گېزىتى» تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان. يېقىندا ئاشكارىلانغان بىر خەۋەردە، ۋولكىسۋاگېننىڭ ماشىنا سىناق قىلىش مەيدانىنىڭ ياسىلىشىغا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.