ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى: «‹شەرقىي تۇركىستان ئىسلام ھەركىتى› نىڭ مەۋجۇتلۇقىغا دائىر ھېچقانداق ئىشەنچىلىك دەلىل يوق»

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 6-نويابىر كۈنى رادىيومىزغا يازما بايانات بېرىپ: «شەرقىي تۇركىستان ئىسلام ھەركىتى» نىڭ «تېرورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىگە چۈشەنچە بەردى. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، «شەرقىي تۇركىستان ئىسلام ھەركىتى» ھېچقاچان ئامېرىكانىڭ «تېرورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلۈپ باقمىغان بولۇپ، ئۇ پەقەت «تېرورلۇقنى يەكلەش تىزىملىكى» گە ئېلىنغان ئىكەن. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى يۇقىرىقى باياناتنى رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋابەن ئېلان قىلغان.

ئامېرىكادىكى بىر فېدېرال ھۆكۈمەت تورى 5-نويابىر ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئۆتكەن ئايدا «شەقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى» تەشكىلاتىنى «تېرورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» دىن ئۆچۈرۈۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. مايك پومپېيو ئىلگىرى «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى باستۇرۇشىنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەمەسلىكى»، «خىتاينىڭ مەقسىتى مۇسۇلمان پۇقرالىرىنىڭ ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 6-نويابىر كۈنى ئامېرىكانىڭ بۇ قارارىدىن «ئەپسۇسلانغانلىقى ۋە ئۇنىڭ قارارىنى رەت قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا «شەرقىي تۇركىستان ئىسلام ھەركىتى» نىڭ «تېرورلۇقنى يەكلەش تىزىملىكى» دىن ئۆچۈرۈۋېتىلىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ: «‹شەرقىي تۇركىستان ئىسلام ھەركىتى› بۇ تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈۋېتىلدى. چۈنكى 10 نەچچە يىلدىن بېرى بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىزچىل مەۋجۇتلۇقىغا دائىر ئىشەنچىلىك دەلىل-ئىسپات يوق. ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى› ھېچقاچان چەت ئەل تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ باقمىغان،» دېيىلگەن.