ئوباما تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئامېرىكا قىممەت قاراشلىرى دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەسلىكىنى تەشەببۇس قىلدى
2016.12.07
6-دېكابىر ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى ھەققىدە ئاخىرقى قېتىم سۆز قىلغان پرېزىدېنت ئوباما ئالدى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى، ئاندىن دونالد ترامپنىڭ مۇسۇلمانلار ھەققىدىكى سۆزلىرىنى ئۇنىڭ نامىنى تىلغا ئالماي تۇرۇپ تەنقىد قىلدى.
ئۇ بۇ ھەقتە «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش، ھەرگىز ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش ئەمەس» دەپ ئەسكەرتتى ھەم ئامېرىكا قىممەت قاراشلىرىنى قوغداش ۋە قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ ھەرگىز ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچ-قۇۋۋىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئوباما ئۆزىنىڭ ئۆتكەن 8 يىلدىكى تېررورلۇققا قارشى ئىستراتېگىيەسىنى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە يەرلىكنىڭ ماسلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئادەم ۋە ئىقتىساد چىقىمىنى تېجەش دەپ ئىزاھلىدى. ئۆتكەن 8 يىلدا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت سىرتىدىكى تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئوباما «بۇ ھەرگىز تېررورچىلارنىڭ بىزگە قارشى بىر ھۇجۇمنى ئويلىمىغانلىقى ۋە پىلانلىمىغانلىقىدىن ئەمەس» دېدى.
رويتىرىس قاتارلىق خەلقئارا ئاخباراتلاردا كەڭ ئورۇن ئالغان ئوبامانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك نۇتقى ھەققىدىكى خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، ئوباما دەۋرىدە ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى ئەسكىرى 180مىڭدىن 15 مىڭغا چۈشۈرۈلگەن، گۇەنتانامودىكى مەھبۇسلارنىڭ سانى 800دىن 60 قا كېمەيگەن.









