ئامېرىكىنىڭ 45-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ مەسلىھەتچىسى تەيۋەندە زىيارەتتە بولدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.12.06

ئامېرىكىنىڭ 45-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ مەسلىھەتچىسى ستېپېن ياتېس باشلامچىلىقىدىكى بىر ئۆمەك 6-دېكابىر تەيۋەندە زىيارەتتە بولدى. تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدە ستېپېن ياتېس ھەققىدىكى خەۋەرلەر باش سەھىپىدىن ئورۇن ئالغانلىقى مەلۇم.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ستېپېن ياتېس مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ دوستى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ، تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن كۆرۈشۈش پىلانىنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدە توختالمىغان.

ستېپېن ياتېسنىڭ تەيۋەن زىيارىتى، ئۆتكەن جۈمە كۈنى يەنى 2-دېكابىر دونالد ترامپنىڭ تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن قىلغان 10 مىنۇتلۇق تېلېفون سۆھبىتىگە قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتى نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى يەنە بىر قېتىم نارازى قىلىشى مۇمكىنلىكى خەلقئارا تاراتقۇلاردا سۆز تېمىسى بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.