ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆز تور بېتىدىن « ئامېرىكا تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدۇ» دېگەن جۈملىنى چىقىرىۋەتكەن بولۇپ، بۇنىڭدىن خىتاينىڭ ئوغىسى قايناپ كەتكەن.
BBC تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە دائىر باياننامىسىدە «بىز تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايمىز؛ تەيۋەن بىلەن ئەمەس، خىتاي بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىمىز» دېگەن جۈملىلەر ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە «بىز تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايمىز» دېگەن جۈملە ئۆچۈرۈپ تاشلانغان. خىتاي تەرەپ بۇنىڭدىن غەزەپلىنىپ، «بۇ، تەيۋەن بۆلگۈنچىلىرىگە خاتا ئۇچۇر بەرگەنلىك» دېگەن ھەمدە ئامېرىكانىڭ بۇ «خاتالىق» نى دەرھال توغرىلىۋېلىشىنى تەلەپ قىلغان.
كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننى ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى دەپ قاراپ كېلىۋاتقانلىقى ھەمدە «ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش» ئۈچۈن قورال كۈچى ئىشلىتىشتىنمۇ يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. تەيۋەنلىكلەر بولسا، خىتاي بىلەن بىرلەشمەسلىك ھەم مۇستەقىللىق ئېلان قىلماسلىق پوزىتسىيەسىدە بولۇپ كەلمەكتە.
BBC نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭى باياننامىسىدە «تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىماسلىق» ئىبارىسى چىقىرىۋېتىلگەندىن باشقا يەنە، ئامېرىكانىڭ مۇۋاپىق پەيت پىشىپ يېتىلگەندە تەيۋەننىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلارغا كىرىشىنى قوللايدىغانلىقى يېزىلغان. ئامېرىكانىڭ تەيۋەندىكى ئەلچىخانىسى رولىنى ئۆتەۋاتقان ئامېرىكا تەيۋەن جەمئىيىتى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر يېڭى باياننامە ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھۆكۈمەتسىز مۇناسىۋىتىنى نامايان قىلىپ بېرىدىكەن. تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىن جيالۇڭ بولسا ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە تېخىمۇ يېقىنلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بۇ ئىشىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 17-فېۋرال بۇ ھەقتە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، «ئامېرىكانىڭ تەيۋەن ھەققىدىكى مەيدانىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە چېكىنگەنلىكىنى، تەيۋەندىن پايدىلىنىپ خىتاينى چەكلەشتە جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇۋاتقانلىقى» نى ئېيتقان.