ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈندىدار ۋە تىك-توكنى چەكلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-09-18
Share

يېقىندىن بۇيان خەلقئارادا زور بەس-مۇنازىرىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئۈندىدار ۋە تىك-توك ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رەسمىي قارار ئالدى. «كۈندىلىك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ 18-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 20-سېنتەبىردىن باشلاپ ئۈندىدارنى رەسمىي مەنئىي قىلىش ھەققىدە قارار ئالغان. خەۋەردە بۇ قارارنىڭ ئېلىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئىكەنلىكى ئېيتىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر قاراردا ئۈندىدارنى مەنئىي قىلىش بىلەن بىرگە تىك-توكمۇ مەنئىي قىلىنغان. ئەمما تىك-توكنى مەنئىي قىلىش بۇيرۇقى 12-نويابىردىن باشلاپ كۈچكە بولىدىغان بولۇپ، بۇ مۇددەتكىچە مەزكۇر ئەپنى ئىشلىتىشكە بولىدىكەن. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋىلبۇر روس بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئەگەر بىز ئېيتقان بىر قىسىم بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بۇ ئەپكە ئورنىتىلسا، بۇنىڭ داۋاملىق ئىشلىتىلش ئېھتىماللىقى بار،» دېگەن.

ۋىلبۇر روس بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە خىتاي ھۆكۈمىتى داۋام قىلدۇرىۋاتقان ئامېرىكا خەلقىنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاش قىلمىشىنى چەكلەش، ئامېرىكانىڭ دۆلەت قىممىتى ۋە دېموكراتىيە قىممىتى چۈشەنچىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ تەدبىرنىڭ ئېلىنغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۈندىدار ۋە تىك-توكقا ئوخشاش كۆپلىگەن ئەپلەر ئىستېمالچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلايدىغان بولسىمۇ، بۇ ئىككى ئەپ باشقا ئەپلەرگە ئوخشىمايدىغان ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدا بولغاچقا ھۆكۈمەت ھەرقاچان ئۇنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرەلەيدىكەن. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن بۇ ئەپلەرنى چۈشۈرگەن ھەمدە ئامېرىكا تۇپرىقىدا ياشاۋاتقان ھەرقانداق كىشىنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرى ھەرۋاقىت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىختىيارىدا بولىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت