«خەۋەر ھەپتىلىكى» (News Week) تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، رۇسىيە بىلەن خىتاي شىمالىي تىنچ ئوكياندا بىرلەشمە ھەربىي چارلاشنى باشلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئالياسكا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى چېگرا مۇداپىئە خىزمەتلىرىنى كۈچەيتكەن.
ئامېرىكا شىمالىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتچىسى «خەۋەر ھەپتىلىكى» گە قىلغان سۆزىدە ئامېرىكانىڭ USS Kidd ۋە USS Sterett ناملىق ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ دېڭىز-ئوكيان مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى قوللاش ئۈچۈن رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شىمالىي قوماندانلىق ئىشتابى ئالياسكا ئەتراپىدىكى ھاۋا ۋە دېڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسىگە مەسئۇل قىسىم ئىكەن.
خىتاي ۋە رۇسىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى يېقىندا بىرلا ۋاقىتتا بىر يۈرۈپ، مانېۋىرلارنى باشلىغان بولۇپ، بۇ مانېۋىرلار ياپون دېڭىزى ۋە تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئوخوتسك دېڭىزىدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى.
مانېۋىر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خىتاي ۋە رۇسىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى بىرلىكتە بەشىنچى قېتىملىق بىرلەشمە دېڭىز چارلاش ۋەزىپىسىنى باشلىغان بولۇپ، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 1-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە، خىتايدىن تۆت، رۇسىيەدىن ئىككى بولۇپ، جەمئىي ئالتە ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ بۇسول بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، غەربىي شىمال تىنچ ئوكيانغا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدىن كېيىن قاتتىق كۈچەيگەنىدى.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئۆكتەبىر كۈنى رۇسىيە-خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەپ رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىنغا ئېيتقان سۆزىدە «ئۆزىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى» بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، شى جىنپىڭنىڭ پۇتىنغا «مەڭگۈلۈك ياخشى قوشنا، ئەتراپلىق ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى دېگەنلەرنى تىلغا ئالغانلىقىنى» بىلدۈرگەن. شى جىنپىڭ يەنە «ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا سىياسىي ئىشەنچىسى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى، ئەمەلىي ھەمكارلىشىپ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى» دېگەن.
ھەتتا رۇسىيە-خىتاي دېڭىز كۈچلىرى شىمالىي مۇز ئوكيان رايونىغا كىرىپ بىرلىكتە چارلاش ئېلىپ بارغان.