ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى ئۆز ئارا بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ چىقتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-08-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ئىككى ئورگاننىڭ ئۆز ئارا بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر ئورگاننىڭ ھەيئەتلەر كېڭىشى 16‏-ئاۋغۇست يىغىن چاقىرىپ، بۇ ئىككى ئورگاننى ئۆز ئارا ئايرىشنى قارار قىلغان.

قانداق كونكرېت ئامىل بۇ ئىككى ئورگاننىڭ ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى نامەلۇم. لېكىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيتوف، مەزكۇر قارارنى «ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائېتىگە نىسبەتەن ياخشى تەرەققىيات، ئۇنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سۈرۈش» دېگەن.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ئىككى ئورگان ئۆز ئارا ئايرىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت نىشانىنى ئۆزلىرىگە تەئەللۇق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈدىكەن.

ئۇ، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ نۇقتىلىق جامائەت ئىشلىرىنى قىلىدىغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ نۇقتىلىق كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتى، دوكلات يېزىش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى 1998‏- يىلى قۇرۇلغان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى ئۇنىڭ قارمىقىدىكى ئورگان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئالغا سۈرۈش فوندىنىڭ پائالىيەت خىراجىتى بىلەن تەمىنلىشىدە مۇستەقىل پائالىيەت قىلىپ كەلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت