ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى ئىپتار پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى


ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى 11 - ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى يېنىدىكى ۋىرجىنىيا شتاتىنىڭ فايرفاكىس شەھىرىگە جايلاشقان ئامېرىكا - تۈرك دوستلۇق جەمىيىتىنىڭ زالىدا ئىپتار پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى. ئىپتارغا ۋىرجىنىيا شتاتىدا ياشايدىغان ۋە باشقا شىتاتلاردىن كەلگەن ياشلارنى ئاساس قىلغان بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى ئىلشات ھەسەن كۆپچىلىكىنىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ تاكى رامىزان ئېيى ئاخىرلاشقىچە بولغان ئارىلىقتا يەنە ئۈچ قېتىم ئىپتار ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقى ۋە ياشلارنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ ئىپتارغا داخىل بولۇشىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ئىپتارلىق ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى سايلام ئۆتكۈزۈپ، يېڭىدىن رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىسى ھەم جەمئىيەت ئىدارە ھەيئىتىنى بېكىتكەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئاممىۋى پائالىيەت ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى قۇرۇلغان كۆپ يىللاردىن بۇيان ھەر يىلى جۇمھۇرىيەت مۇراسىم پائالىيىتى، نورۇز، قۇربان ھېيت، ئىپتار ۋە يازلىق دالا سەيلىسى قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەرنمۇ تەشكىللەپ كەلمەكتە.