ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوكلاتىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ ئورۇن ئالدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-03-01
Share

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەتقىقات مەركىزى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يوللىغان يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە خېلى كەڭ سەھىپىدە توختالغان.

مەزكۇر ئورگاننىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلار بېرىلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ زېمىننى ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايدىغانلىقى، بۇ زېمىننىڭ خىتاي ئىشقا ئاشۇرماقچى بولۇۋاتقان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈگۈنى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا 3 تۈرلۈك سىياسەتنى يولغا قويماقتا. بىرىنچىسى، ‹دىنى رادىكاللىق›، ‹بۆلگۈنچىلىك› ۋە ‹تېررورلۇق› نى قاتتىق باستۇرۇش، يەنى «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى، ئىككىنچىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئۈچىنچىسى، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان سىياسەتلەردىن ئىبارەت. بۇلاردىن باشقا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاق ۋە تۇڭگان قاتارلىق مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغىمۇ چەكلىمە سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزمەكتە. . .»

دوكلاتتا يەنە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ باياناتلىرىدىن نەقىل ئېلىنىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى ئۆرپ-ئادەتلىرىنى جىنايەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنى قاتتىق باستۇردى، بۇ ئەھۋال رايوندا زور قورقۇنچ ۋە جىددىيلىك پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولدى،» دېيىلگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يوللىنىدىغان بۇ دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى زور ساقچى قوشۇنى، ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقە چەكلىمىلىرى، «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ۋە ئۇيغۇرلارغا قويۇلۇۋاتقان ساياھەت چەكلىمىلىرى، مەسچىتلەرنى چېقىش ھەرىكەتلىرى قاتارلىقلار مەزمۇنلار تىلغا ئېلىنغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلىدا 2014-يىلى يۈز بەرگەن بىر قىسىم «زوراۋانلىق ۋەقەلىرى» نى خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاشنىڭ قېيىنلىقىنى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىغانلىقى ۋە مۇستەقىل ژۇرنالىستلارنىڭ رايونغا بېرىپ تەكشۈرۈشىگىمۇ يول قويمىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت