ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-05-06
Share

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ئاي بىر قىسىم چەت ئەل ئاخباراتلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدا 5 كۈنلۈك زىيارەتكە تەكلىپ قىلىپ زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ بار ئىدى.

ئۇلار بۇ زىيارەتكە ئاساسەن يازغان خەۋىرىنى 6-ماي كۈنى ئېلان قىلغان. مۇخبىرلار خەۋىرىدە بۇ زىيارەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن يولغا قويغان تەشۋىقات ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ مۇخبىرلار ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولغان. ئۇلار قەشقەردىكى ھېيتگاھ جامەسىنى زىيارەت قىلىپ، مەزكۇر جامەنىڭ ئىمامى مەمەت جۈمە بىلەن سۆزلەشكەن. مەمەت جۈمە ئىلگىرى 4000-5000 ئەتراپىدا ئادەم ناماز ئوقۇيدىغان بۇ مەسچىتتە ھازىر 800-900 كىشى ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى بۇ يەردە چەكلىمە بولغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن، دەپ چۈشەندۈرگەن. مەمەت جۈمە يەنە ئۇيغۇر ئېلىدا مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنىمۇ ئىنكار قىلغان. خىتاي دائىرىلىرىمۇ «بىز مەسچىتلەرنى يېڭىلاۋاتىمىز،» دېگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىق مۇخبىرلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارغا ئۇيغۇر ئېلىدا دىنىي چەكلىمە يوقلىقىنى كۆرسەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار زىيارىتى داۋامىدا كىشىلەرنىڭ ھەرقانداق دىنىي پائالىيىتىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. چۈنكى ئۇلار ئۇيغۇرلار ئىشلەيدىغان خۇافۇ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنى زىيارەت قىلغاندا، زاۋۇت باشلىقى «ئۇيغۇر ئىشچىلار ئۆيلىرىدە روزى تۇتسا بولىدۇ، لېكىن زاۋۇت ياتاقلىرىدا ئىشچىلار دەم ئېلىشى كېرەك، ئۇلار ئىشلەيدىغان بولغاچقا سالامەتلىكىگە دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ، شۇڭا ياتاقلاردا روزى تۇتۇشىغا يول قويمايمىز،» دېگەن. بىر باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرى: «دىن بىلەن مائارىپ ئايرىۋېتىلگەنلىكتىن ئوقۇغۇچى بالىلار روزى تۇتمايدۇ» دېسە، ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى مەمەت جۈمە «روزى تۇتۇش كىچىك بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيانلىق،» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ زىيارەت ئارقىلىق چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا ئۇيغۇر ئېلىدا دىنىي چەكلىمە يوقلىقىنى كۆرسەتمەكچى بولغان بولسىمۇ ۋە مۇخبىرلارغا «غەربلىك سىياسەتچىلەر ۋە غەرب ئاخباراتلىرى دېگەنلەرگە ئىشەنمەڭلار، كۆرگىنىڭلارنى يېزىڭلار» دەپ قايتا-قايتا ئەسكەرتكەن بولسىمۇ، بىراق بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ كۆرگەنلىرى ئاساسىدا خەۋەر ئېلان قىلغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۇ خەۋىرىگە «خىتايدا رامىزان: دىنىي چەكلىمىلەر ئېتىقادچى ئاممىنىڭ ئازىيىشىغا سەۋەب بولدى» دەپ ماۋزۇ قويغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت