ئامېرىكىدا تېررور ھۇجۇمى پىلانلىغان ئۆزبېك مۇساپىرغا 25 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى
2016.01.09
ئامېرىكا سوت دائىرىلىرى 7 - يانۋار، تېررور ھۇجۇمى پىلانلاش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان ئۆزبېك مۇساپىر فەزلىددىن قۇربانوۋنىڭ 25 يىل قامىلىدىغانلىقى، جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئەركىن ياۋروپا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئايداخو شتاتى رايونلۇق سوتنىڭ باش سوتچىسى ئېدۋارد لوج: «ئۇ ئامېرىكا تۇپرىقىدا جىھاد قىلماقچى ۋە بومبا پارتلىتىپ 2001 - يىلىدىكى ‹11 - سېنتەبىر ۋەقەسى› دىكىدەك بىر سىگنال يوللىماقچى بولغان» دېدى.
فەزلىددىن 2009 - يىلى ئۆزبېكىستاندىن قېچىپ، ئامېرىكىدا پاناھلانغان ۋە 2013 - يىلى قولغا ئېلىنغان.
ئامېرىكا قانۇن يۈرگۈزۈش تارماقلىرى ئۇنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى پىلانلىماقچى بولغانلىقى ۋە ئامېرىكا تېررور تەشكىلاتى دەپ ئەنگە ئالغان «ئۆزبېك ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى» غا كومپيۇتېر ۋە مەبلەغ ياردىمى بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئايداخو شتاتى 2015 - يىلى ئاۋغۇستتا فەزلىددىن ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، ئۇنىڭ تېررورىزمغا ئائىت ئۈچ تۈرلۈك جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى دەلىللىگەن.
7 - يانۋاردىكى سوتتا ئۇنىڭغا 25 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەندىن سىرت، 250 مىڭ دوللار جەرىمانە قويۇلغان.









