ئامېرىكا دۆلەتلىرى ئىشلىرى مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلدى


ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىسىتىرىنىڭ سىياسىي ئىشلار بويىچە ياردەمچىسى توماس شېننون جۈمە كۈنى ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلغان ۋە بۇ جەرياندا سەمەرقەندكە بېرىپ، مەرھۇم ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ قەبرىسىگە گۈل قويغان.

ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇس تىلىدا تارقىتىلىدىغان پەرغانە ئۇچۇر تورىدىكى خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، توماس شېنونغا ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلەزىز كامىلوۋ ۋە ئامېرىكانىڭ ئۆزبېكىستاندىكى باش ئەلچىسى ھەمسەپەر بولغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى توماس شېننون ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كامىلوۋ بىلەن ئىككى دۆلەت سىياسىي، سودا - ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىلىرى ۋە باشقا ساھەلەرگە ئائىت مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

مەلۇمكى، ئۆزبېكىستاندا بۇ يىل 12 - ئايدا پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە نامزات كۆرسىتىش باشلانغان. ئۆزبېكىستاندا بولغۇسى سايلامنىڭ دېموكراتىك ئۆلچەملەرگە لايىق ئۆتۈشى ۋە خەلقنىڭ ئۆزى ئارزۇ قىلغان كىشىنى سايلاپ چىقىش مەسىلىسى دىققەت قوزغىماقتا.