ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى مىكائۇل، جون كەررىنى ئامېرىكانىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى «ئىرقىي قىرغىنچى ھاكىمىيەت» كە باغلاپ قويماسلىققا چاقىردى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، ئاۋام پالاتا تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى باش ئەزاسى مايكېل مىكائۇل 31-ئاۋغۇست كۈنى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت بايدېننىڭ ھاۋا كىلىماتى ئالاھىدە ۋەكىلى جون كەررىنى ئامېرىكانىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى خىتايدەك ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغان بىر ھاكىمىيەتكە باشلاپ قويماسلىققا چاقىرغان. مىكائۇلنىڭ باياناتى جون كەررى 31-ئاۋغۇست خىتاي زىيارىتىنى باشلىغان كۈنى ئېلان قىلىنغان.

مىكائۇل، جون كەررىنىڭ ئىلگىرى ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىغا خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى تەمىنات زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئادالەتسىز سودا ئارقىلىق يېشىل ئېنېرگىيەنى ئۆز ‍ئىچىگە ئالغان تەمىنات زەنجىرىنى قانداق كونترول قىلىۋاتقانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «كىلىمات مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلەرنى ھەل قىلىش ھەرىكىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە پايدىلىق بولۇشىغا، بىزنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىمىزنى شۇنداقلا تەمىنات زەنجىرىمىزنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە باغلاپ قويۇشقا ياكى ئالاھىدە ۋەكىل كەررىنىڭ خەلقئارا كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلماسلىق كەچمىشى بولغان ئىرقىي قىرغىنچى ھاكىمىيەتنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ كېتىشىگە بولمايدۇ».

مايكېل مىكائۇلنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ «قىممەت قارىشىنى قۇربان قىلماسلىقى شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان خاتىرىسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك» ئىكەن. جون كەررى خىتايغا قىلغان بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە خىتاينىڭ ھاۋا كىلىماتى ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى شيې جېنخۇا بىلەن تيەنجىندە سۆزلىشىدىكەن.