ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ۋىيېتنام زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى تەكىتلىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-05-24
Share

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 24-ماي سەيشەنبە كۈنى ۋىيېتنام پايتەختى خانويدىكى دۆلەتلىك يىغىن مەركىزىدە نۇتۇق سۆزلىگىنىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ نۇتقىغا 2000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقانلىقى، ئوبامانىڭ ئۆز نۇتقىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن ئىبارەت سەزگۈر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېگەنلىكى نەقىل ئېلىندى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ۋىيېتنامدىكى ئون نەچچە نەپەر ئۆكتىچى ئەرباب بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، ئەمما بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرىنىڭ ئوباما بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويۇلمىغانلىقى بايان قىلىندى. خەۋەردە ئوبامانىڭ «بىرقانچە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويۇلمىغانلىقى، گەرچە ۋىيېتنام بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەت باشلانغاندىن بۇيانقى قورال ئېمبارگوسى بىكار قىلىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە زور قەدەم ئېلىنغان بولسىمۇ، ئامېرىكا يەنىلا ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى چەكلىمىلىرىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

بۇندىن ئىلگىرى سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرى بىل كلىنتون، جورجى بوش قاتارلىقلارمۇ ۋىيېتنامدا زىيارەتتە بولغان. دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋىيېتنامغا قارىتىلغان 50 يىللىق قورال ئېمبارگوسىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت