ئامېرىكا شىركىتىنىڭ خوتەندىكى «تەيدا شىركىتى» بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈشى خىتاينى نارازى قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-01-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا ئامېرىكىدىكى باجېر تەنتەربىيە كىيىملىرى شىركىتى خوتەندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان «تەيدا ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» نىڭ تەنتەربىيە كىيىملىرىنى ئىمپورت قىلىپ، ئامېرىكىدا بازارغا سالغان. بۇ ۋەقە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى يۇقىرىقى بۇ ئامېرىكا شىركىتى ئۆزىنىڭ تور بېتىدە رەسمىي بىر بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خوتەندىكى «تەيدا شىركىتى» بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى ۋە بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىن ھېچقانداق مال ئىمپورت قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 

ئادەتتە شېركەتلەر ئارىسىدىكى سودا مەسىلىلىرىگە ئىنكاس بىلدۈرمەيدىغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا ئامېرىكا شىركىتىنىڭ بۇ قارارىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ پەيشەنبە كۈنى «ئامېرىكا شىركىتىنىڭ خاتا مەلۇماتلارغا ئىشىنىپ بۇنداق قارار ئېلىشىنى مەن بىچارىلىق دەپ قارايمەن» دېيىش ئارقىلىق ئامېرىكا شىركىتىنىڭ بۇ قارارغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. 

ئامېرىكىنىڭ باجىر شىركىتى ئىمپورت قىلغان كىيىملەرنىڭ خوتەندىكى لاگېرلاردا ئىشلەپ چىقىرىلغانلىق خەۋىرى «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى»، «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىق دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاگېنتلىقلار ۋە، گېزىتلەردە ئاشكارىلىنىپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغان ۋە نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلار باجېر شىركىتىنىڭ مەكتەپ دۇكانلىرىدىكى تەنتەربىيە كىيىملىرىنى يىغىۋەتكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمەت تارماقلىرىمۇ مەزكۇر ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت