يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكانىڭ مېكسىكا بىلەن تۇتاش جەنۇبىي چېگراسىدىن قاچاق يوللار بىلەن كىرىۋاتقان مۇساپىرلار ئىچىدە خىتايلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئىكەنلىكى مەلۇم، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرمۇ ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا داۋاملىق ئېلان قىلىنىپ تۇرماقتا.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى 5-فېۋرال كۈنى X دە ھەمبەھىرلىگەن بىر ۋىدىيودا، ئامېرىكانىڭ مېكسىكا چېگراسىدىن كىرىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تىك-توكتىكى كۆرسەتمىلەر بويىچە ئامېرىكاغا كېلىۋاتقانلىقى ۋە چېگرادىن كىرىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ۋىدىيودىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكانىڭ جەنۇبى چېگراسىغا تۇتاش كالىفورنىيە شتاتىغا كىرىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھەممىسى يولنى قانداق مېڭىشنى، چېگرادىن قانداق كىرىشنى بىلىدىكەن؛ چۈنكى خىتاينىڭ دوۋيىن (تىك-توكنىڭ خىتايدىكى نۇسخىسى) ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا، ئامېرىكا چېگراسىدىن كىرىدىغان قاچاقلار ئۈچۈن ئەسقاتىدىغان ئۇچۇرلار تەمىنلەنگەن بولۇپ، قايسى يولدا مېڭىشنى، نېمىلەرگە دىققەت قىلىشنى بىر-بىرلەپ ئۆگىتىدىكەن.
باش شتابى خىتايدا بولغان تىك-توك شىركىتى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن چېتىشلىق دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 31-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى تام كاتىن (Tom Cotton) تىك-توك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى جو شوزىنى گۇۋاھلىققا تارتىپ، ئۇنىڭ ئىلگىرى ئامېرىكانىڭ جازا چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان خىتاي ھەربىي شىركىتىدە ئىشلىگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرگەنىدى.