خىتاي ئامېرىكا ئادېمىرالىنىڭ سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي جۈمە كۈنى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانى ئادمىرال ھاررىي ھاررىسقا نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە ھاررىي ھاررىسنىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى قانۇنلۇق ھەرىكەتلىرىنى «قارىلاۋاتقانلىق» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي جۈمە كۈنى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانى ئادمىرال ھاررىي ھاررىسقا نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە ھاررىي ھاررىسنىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى قانۇنلۇق ھەرىكەتلىرىنى «قارىلاۋاتقانلىق» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانى ئادمىرال ھاررىي ھاررىس ئالدىنقى كۈنى قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ شەرقىي ئاسىيادا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ئۈچۈن رايونغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە رادار يۆتكەپ، رايوننى ھەربىيلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئامېرىكىنىڭمۇ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكەتلىرىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

بىراق، خۇڭ لېي خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى زېمىنلىرىغا قانۇنلۇق ھالدا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ھەربىيلەشتۈرۈش ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ پاراسېل تاقىم ئاراللىرىدىكى ۋۇدىي ئارىلىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى خەۋەر قىلىنغاندىن باشقا، ئۇنىڭ سپراتېل ئارىلىنىڭ كۋارتېرون رىف دېگەن قىسمىغا يېڭى رادار ئورناتقانلىقى ۋە شۇنداقلا يەنە پاراسېلدىكى ۋۇدىي ئارىلىغا كۈرەشچى ئايروپىلان ئەۋەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى بولسا رايوندا ئىگىلىك ھوقۇق كۈرىشى قىلىۋاتقان ۋىيېتنام ۋە فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەردە نارازىلىق قوزغىغان ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىنچ ئوكيان دۆلىتى بولغان ئاۋسترالىيەمۇ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان «20 يىللىق مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى» دا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق كۈرىشىدىكى كۆرۈلۈپ باقمىغان پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزلىرىدە ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن ئاۋسترالىيەنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org