خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئامېرىكا خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى بېسىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، دېگەن. ئۇ، 7-مارت كۈنى مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ «ئامېرىكا خىتاي ھەققىدىكى خاتا قارىشىدا چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ. پرېزىدېنت جو بايدىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئۆتكەن يىلى نويابىردىكى ئۇچرىشىشىدىن كېيىنكى بەزى ئىلگىرىلەشلەرگە قارىماي، ئامېرىكا بۇ پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتمىدى» دېگەن.
ئۇ بۇ سۆزلەرنى بېيجىڭدىكى ئىككى قۇرۇلتاينىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكانىڭ خىتايغا قويغان بىر قاتار سودا چەكلىمىلىرى ۋە تەدبىرلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، «ئامېرىكانىڭ خىتايغا ئارتماقچى بولغان ‹جىنايەت›لىرى كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان دەرىجىگە يەتتى» دەپ ئاغرىنغان.
بىراق، ۋاڭ يى ئاخبارات يىغىنىدا خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ ئۆتكەن يىلى 240 مىليارد دوللارلىق رېكورت ياراتقانلىقىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.
ئامېرىكادىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى گوردون چاڭ «X» تىكى ئىنكاسىدا ۋاڭ يىنىڭ سۆزلىرىنى تەھلىل قىلىپ، «ۋاڭ يى ئەمەلىيەتتە ‹ئامېرىكانىڭ بىزنىڭ يامان غەرەزلىك ھۇجۇملىرىمىزدىن ئۆزىنى قوغدىشىنى خالىمايمىز› دېمەكچى» دېگەن.
