ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى: خىتاي تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى ئىشەنچلىك ئورتاق ئەمەس

ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات ئورنى- ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى 30‏-مارت بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى ئىشەنچلىك ئورتاق ئەمەس، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

تەشكىلات باياناتىدا يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئامېرىكا-خىتاي باشلىقلار يىغىنىدا خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى ئالغان تەدبىرلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كۆرسەتكەن تەسىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرغان بايانات پرېزىدېنت ئوباما بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 31‏-مارت ئايرىم ئۇچرىشىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال ئېلان قىلىندى.

ئۇنىڭدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى ئالىم سېيتوف مۇنداق دەيدۇ: «رەھبەرلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقىنى بىر چەتكە قايرىپ قويغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ قانۇنىيلىق مەسىلىسىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.»

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ قېتىم ۋاشىنگتونغا دۇنيا يادرو بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن. ئەمما ئۇنىڭ بۇ قېتىم ۋاشىنگتونغا كېلىشى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تېخىمۇ ناچارلىشىپ، ئادۋوكات ۋە ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش كۈچەيگەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇ، ۋاشىنگتوندا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا دۇچ كەلگەن. پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قارشى نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەن ئىدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى باياناتىدا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مىزانلىرىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى تۇرغان ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنى باستۇرۇشقا قوللىنىۋاتىدۇ» دېگەن.