ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جەنېت يېلېن خىتايدا 5 كۈنلۈك رەسمىي زىيارەتتە بولىدىكەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ 4-ئاپرىل پەيشەنبە كۈنى خىتايغا يېتىپ بارغان.
ئۇ، بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە خىتاينىڭ مالىيە رەھبەرلىرى ۋە دۆلەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن. ئۇلار، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خې لىفېڭ، خىتاي مەركىزى بانكىسىنىڭ باشلىقى پەن گوڭشېڭ، سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىر ليۇ خې ۋە خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
جەنېت يېلېن خانىم مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ «ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2022-يىلى سان-فىرانسىسكودا كۆرۈشكەندىكى دىيالوگنىڭ داۋامى» بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ سۆزىدە «ئامېرىكانىڭ ئەندىشىسىنىڭ ئىقتىسادتىكى باراۋەرلىك مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكانىڭ ھازىر خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر قاتار كەسىپلەرگە غايەت زور مەبلەغ سېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.
ئۇ بۇنىڭدا خىتاينىڭ يېشىل ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى كارخانىلارغا دۆلەت تولۇقلىمىسى بېرىشىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
يېلىن خانىمنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ئىختىلاپلىرىنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.
بىر كۈن ئاۋۋال، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئىككى يىل ئارىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن ئىدى. ئىككى رەھبەرنىڭ تەيۋەن مەسىلىسى، سۈنئىي ئەقىل ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.