ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر ئۆزىنىڭ ئاسىيا سەپىرىنى باشلىدى


ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر ئۆزىنىڭ ئاسىيا ئەللىرى سەپىرىدە خىتاينى زىيارەت قىلىشنى كۈن تەرتىپتىن قالدۇرغان.

ئاشتون كارتېر 9 - ئاپرىل كۈنى زىيارەت سەپىرىگە ئاتلانغان بولۇپ، ئۇ ھىندىستان، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىدىكەن. ئاشتون كارتېر يەنە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىمۇ زىيارەت قىلىدۇ ۋە پارس قولتۇقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر مىنىستىرلار يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن،

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاشتون كارتېر فىللپپىن زىيارىتى جەريانىدا جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش - تارتىشتىكى سپراتىل تاقىم ئاراللىرىدىن 160 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بازىغا بېرىپ، زىيارەت قىلىدىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئاشتون كارتېرنىڭ بۇ قېتىمقى ئاسىيا زىيارىتى كۈن تەرتىپىدىن خىتاي قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئەسلىدە ئۇ خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا خىتاي ئۇنى بېيجىڭغا تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ئاشتون كارتېر بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن جۈمە كۈنى، يەنى 8 - ئاپرىل كۈنى ئاشتون كارتېر ئاسىيا سەپىرىگە ئاتلىنىش ھارپىسىدا نىيوركتىكى ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا سۆزلىگەن سۆزىدە جەنۇبىي دېڭىز رايونىدىكى ئەللەرنىڭ خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكە بىلەن ھەربىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكەتلىرى رايوندىكى جىددىيلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ھەربىيلەشتۈرىلەشتۈرۈلىشىگە، بولۇپمۇ خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتلىرىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرمەكتە، بۇ دۆلەتلەر، ئامېرىكانىڭ پرىنسىپ ۋە قائىدىلەرنى قوغداپ، رايوننىڭ داۋاملىق گۈللىنىشى ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا» دېگەن ئىدى.