ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش» قا مېڭىۋاتقانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.05.06

خىتايدىن تارقالغان تاجسىمان ۋىرۇسىنى چۆرىدىگەن دىپلوماتىيە ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسىدە نۆۋەتتە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ئۆتكەن 40 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ، بىر قىسىم ئانالىزچىلارنىڭ قەلىمىدە «يېڭى سوغۇق ئۇرۇشى» دەپ تەسۋىرلىنىشكە باشلىدى.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 5-ماي سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا خىتايدىكى خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ مەسلىھەتچىسى شى يىنخوڭنىڭ «ھازىر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئەمەلىيەتتە يېڭىدىن باشلىنىۋاتقان ‹سوغۇق ئۇرۇش› دەۋرىدە تۇرماقتا» دېگەن سۆزى ئالاھىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ سۈنئىي ھالدا ياسالغانلىقى ھەمدە ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن تارقالغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا-خىتاي سودا كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى ئېغىشماستىن ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە شەرھىلىگەن.

شى يىنخوڭ بۇ توغرىسىدا سۆز قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «نۆۋەتتىكى ‹يېڭى سوغۇق ئۇرۇش› ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا-سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ‹سوغۇق ئۇرۇش› تىن پۈتۈنلەي پەرق قىلىدۇ. ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى بۇنىڭدىن كېيىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرىكىگە ئەمەس، بىرنەچچە ئاي ئىلگىرىكىگىمۇ ئوخشىماي قالىدۇ.»

خىتاي ئالىملىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ خىل پىكىرگە كېلىشىدە نۆۋەتتىكى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىدە ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلەرگە ئوخشاش خىتايپەرەس كىشىلەرنىڭ يوق دېيەرلىك بولغانلىقى مۇھىم ئامىل بولۇپ قالغان. بېيجىڭدىكى ليەنئەن ئاقىللار مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى يۈ ۋېنلى بۇ توغرىسىدا سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە ئامېرىكالىقلار ئارىسىدىكى خىتايدىن سەسكىنىش تۇيغۇسىنىڭ تېزدىن ئۆرلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بولۇپمۇ ھازىر ۋىرۇس مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە تولىمۇ نازۇك بىر ۋەزىيەت يارىتىلغان بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ دونالد ترامپنى ياكى شى جىنپىڭنى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىپ تەنقىدلەشتىن ئۆزلىرىنى تارتىپ تۇرماقتا ئىكەن. ئەمما ۋىرۇس تۈپەيلىدىن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي چېكىنىشكە باشلىشى ھەمدە ئۇنىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى ئىجرا قىلىش-قىلماسلىقى بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتقا زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن. چۈنكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەگەر بۇ باسقۇچ ئىشقا ئاشمىسا ئۆزىنىڭ خىتايغا قارىتا تېخىمۇ ئېغىر تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئىزچىل تەكىتلىمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.