ئامېرىكا خىتاي مۇخبىرلىرىغا قارىتا ۋىزا چەكلىمىسىنى كۈچەيتتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-05-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 8-ماي كۈنى خىتاي مۇخبىرلىرىغا قارىتا ۋىزا چەكلىمىسىنى كۈچەيتىپ، بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي مۇخبىرلىرىغا پەقەت 90 كۈنلۈك ۋىزا بېرىلىدىغانلىقى، ۋىزىنىڭ ۋاقتى توشسا ئۇزارتىشقا ئىلتىماس قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، ئامېرىكا  ئانا ۋەتەن  خەۋپسزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر بەلگىلىمىسى خىتاينىڭ ئامېرىكالىق مۇخبىرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە قارىتا چىقىرىلغان، دەپ قارالماقتىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 3-ئايدا ئامېرىكادىكى «ۋال سترېت ژۇرنىلى»، «نيۇ-يورك ۋاقتى»، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» قاتارلىق 3 نوپۇزلۇق گېزىتنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىنى قوغلاپ چىقارغان.

بۇ 3 گېزىت ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى قامىغانلىقىغا ئائىت پارتلاش خاراكتېرلىك خەۋەرلەرنى ئېلان قىلغانىدى. بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ «شىنخۇا ئاگېنتلىقى»، «خەلق گېزىتى»، «خىتاي خەلقئارا تېلېۋىزىيە تورى» قاتارلىق 5 ھۆكۈمەت ئاخباراتىنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىنىڭ چەتئەل ھۆكۈمەت خادىمى سۈپىتىدە تىزىمغا ئالدۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.

ئانا ۋەتەن  خەۋپسزلىكى مىنىستىرلىقى 8-ماي ئېلان قىلغان يېڭى بەلگىلىمىسىدە خىتاينىڭ ھەرىكىتى «مۇستەقىل ئاخباراتنى باستۇرغانلىق» دەپ تەكىتلەنگەن. ئامېرىكا ئانا ۋەتەن  خەۋپسزلىكى  مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، يېڭى بەلگىلىمە خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇلۇشىغا شارائىت يارىتىدىغانلىقى، بۇنىڭ خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ سانىنى ئازايتىشى مۇمكىنلىكى، لېكىن «بۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت