ترامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا فېدېراتسىيە پېنسىيە زاپىسىنى خىتايدىن قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-05-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسى مەسىلىسىدىكى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش ھەققىدە كەسكىن مۇنازىرىلەر قانات يېيىۋاتقاندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن مەزگىللەردىن بۇيان خىتايدىكى پاي چېكى بازىرىغا سېلىنىپ ئوبوروت قىلىنىۋاتقان فېدېراتسىيە پېنسىيە زاپىسىنى قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 12-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاق ساراي بۇ قېتىم توختاتماقچى بولغان سومما 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىكەن. بۇ مەبلەغنىڭ ۋاسىتىلىك ھالدا خىتاي ئارمىيەسىنى ھەربىي ئايروپىلانلار بىلەن تەمىن ئېتىدىغان «خىتاي ئاۋىئاتسىيە سانائىتى گۇرۇھى» ۋە نازارەت مېخانىزىمىدا ئاۋانگارتلىق رولىنى ئويناۋاتقان Hikvision رەقەملىك تېخنولوگىيە شىركىتىگە ئوخشاش شىركەتلەرنى ئىقتىسادىي يۆلەككە ئىگە قىلىپ قويۇشى پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشىغا سەۋەب بولغان ئاساسلىق ئامىللار ئىكەن.

«فوكۇس خەۋەرلىرى» نىڭ 12-مايدىكى ئالاھىدە خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بىر كۈن ئىلگىرى ئاق ساراينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى روبېرت بريېن ۋە ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى لاررىي كۇدلوۋ ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يۇجىن سكالىياغا مەخسۇس بۇ ھەقتە مەكتۇپ يوللىغان. مەكتۇپتا ئۇلار ئامېرىكا فېدېراتسىيە پېنسىيە زاپىسىنى خىتاي پاي چېكى بازىرىدا ئوبۇرۇتقا سېلىشنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى، يەنە كېلىپ بۇنىڭ ۋاسىتىلىك ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەنلىك بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. مەكتۇپتا ئېنىق قىلىپ «خىتايدىكى بۇ مەبلەغدىن پايدىلىنىۋاتقان شىركەتلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جازا بېرىش تىزىملىكىدە بولۇپ، دەل مۇشۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشقا ۋە ھەرقايسى دىنىي جامائەتنى باستۇرۇشقا ياردەم بېرىۋاتقانلاردۇر» دېيىلىدۇ. مىنىستىر يۇجىن سكاليا بۇنىڭغا تېزدىن ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ تەكلىپنى قەتئىي قوبۇل قىلىش مەيدانىنى ئىپادىلىگەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 12-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدىكى كۆپلىگەن زاتلار بۇ قارارنى قىزغىن ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا بۇنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىۋاتقان ھەمدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ئىجرا بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان پەۋقۇلئاددە پەيتتە ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدە زور بىر بۇرۇلۇشنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى مۇھىم ئامىللاردىن بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت